Quran Text Translations Spread Documents

Muhammad Saleh


Change Log

Duplicate lines removed
Fri, 4 Jun 2010 20:00:03 -0400
-366 +366
ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىماندىن) قايتىشى مۇمكىن. پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «توغرا يول اﷲ نىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار بى - بىرىگە ئېيتىدۇ) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلىشتىن ياكى ئۇلارنىڭ (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ) (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشىدىن (يەنى مۇنازىرىلىشىپ سىلەرنى يېڭىپ قويۇشىدىن قورقۇپ) پەقەت دىنىڭلارغا ئەگەشكەن ئادەمگىلا ئىشىنىڭلار (دىنىڭلاردا بولمىغان ھېچ ئادەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلماڭلار. ئەگەر سىلەر مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىقرار قىلىپ ئۇنىڭ دىنىغا كىرمىسەڭلار، بۇ قىيامەت كۈنى سىلەرگە قارشى پاكىت بولىدۇ). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەزل - كەرەم (يەنى پەيغەمبەرلىك) اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر. اﷲ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». اﷲ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (اﷲ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر =
-654 +654
يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى اﷲ نىڭ يولىدىن (يەنى اﷲ نىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق =
-1127 +1127
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم باللىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى اﷲ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكلىرى، ياكى «ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر =
-1528 +1528
بىز پەقەت سېنى بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ دەيمىز» ھۇد ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن اﷲ نى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ اﷲ نى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن، ھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار =
-1570 +1570
بىز مۇسانى ھەقىقەتەن ئايەتلىرىمىز (يەنى اﷲ تىن نازىل بولغان دىنىي ئەھكاملار) ۋە روشەن دەلىللەر (يەنى مۆجىزىلەر) بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى =
-1592 +1592
ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، پۈتۈن ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، ئۇلار (دىن توغرىسىدا) داۋاملىق ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر، پەقەت پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. اﷲ ئۇلارنى شۇنىڭ ئۈچۈن (يەنى ئىختىلاپ ئۈچۈن) ياراتتى. پەرۋەردىگارىڭنىڭ: «مەن چوقۇم پۈتۈن جىنلار ۋە ئىنسانلار بىلەن دوزاخنى توشقۇزىمەن» دېگەن سۆزى ئېنىق بەلگىلەندى =
-1840 +1840
اﷲ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى =
-1895 +1895
پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز =
-2080 +2080
سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (اﷲ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ) ئۇلار: ‹‹بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دېگىن، ئۇلار ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىپ: ‹‹ئۇ قاچان بولىدۇ؟ ›› دېيىشىدۇ، (سەن) ‹‹ئۈمىدكى، ئۇ يېقىندا بولىدۇ›› دېگىن =
-2142 +2142
جىمى ھەمدۇسانا اﷲ قا خاستۇركى، (اﷲ ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بەندىسى (يەنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد) گە توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق (يەنى ئىختىلاپ، زىددىيەت) بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى =
-2378 +2378
ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن =
-2441 +2441
مۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا (خۇدالىق ئۈچۈن غەزەپلىنىشتە) ماڭا ئەگىشىشتىن نېمە توسالغۇ بولدى؟ مېنىڭ بۇيرىقىمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟» =
-2638,2 +2638,2
ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنى (قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن
ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنى (قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن =
=
-2719 +2719
ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى، ئۇلارمۇ تەكەببۇر قەۋم ئىدى =
-2729 +2729
(ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال - مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ =
-2883,2 +2883,2
شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك - شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ
شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك - شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ =
=
-2897 +2897
ئۇلار سېنى كۆرسە پەقەت مەسخىرە قىلىۋېلىپ: «اﷲ پەيغەمبەرقىلىپ ئەۋەتكەن مۇشۇمۇ؟ ئەگەر دىنىمىزدا چىڭ تۇرمىساق (مۇھەممەد) بىزنى ئىلاھلىرىمىزندىن ئازدۇرۇۋەتكىلى تاس قالاتتى» (دېدى). كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئازابنى كۆرگەن چاغدا بىلىدۇ =
-2904 +2904
اﷲ رەھمىتىنى (يەنى يامغۇرنى) ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇش خەۋەر قىلىپ ئەۋەتتى، يامغۇر بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان ھايۋانلارنى، نۇرغۇن ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق =
-2967 +2967
پىرئەۋن چۆرىسىدىكى (قەۋمنىڭ) چوڭلىرىغا ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى، (بۇ ھەقتە) نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟» =
-2972 +2972
كىشىلەرگە: «سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب چىقسا ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن» دېيىلدى =